ئىران ۋەكىللىرى كىلىمات ھەرىكىتى باشلىقلار يىغىنىدىن ئايرىلدى

28-نۆۋەتلىك دۇنيا كىلىمات ھەرىكىتى باشلىقلار يىغىنىغا ئىرانغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئەلى ئەكبەر ماھرابىيان، ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە باشلىقلار يىغىنىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلدى.

2071567
ئىران ۋەكىللىرى كىلىمات ھەرىكىتى باشلىقلار يىغىنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ كېلىمات ئۆزگىرىش رامكا ئەھدىنامىسىگە تەرەپ دۆلەتلەرنىڭ 28-نۆۋەتلىك دۇنيا كىلىمات ھەرىكىتى باشلىقلار يىغىنىغا ئىرانغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئەلى ئەكبەر ماھرابىيان، ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە باشلىقلار يىغىنىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلدى.

ئىران ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئەلى ئەكبەر ماھرابىيان يىغىنغا ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگنىڭمۇ قاتناشقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، باشلىقلار يىغىنىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىران بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز زىئونىست ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىشىنىڭ، كېلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يىغىننىڭ روھىغا زىت دەپ قارايمىز. شۇڭا بىز بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، باشلىقلار يىغىنىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلدۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر