ھېرزى ھالەۋى 7 - ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ھېرزى ھالەۋى ھاماسنىڭ 7 - ئۆكتەبىر (2023) دىكى ھۇجۇمىدا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرىنى قايتا تەكىتلىدى.

2070281
ھېرزى ھالەۋى 7 - ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىسىرائلىيە ئارمىيە باش ئىشتابى باشلىقى ھېرزى ھالەۋى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

ھالەۋى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززە رايونىغا قارشى يېڭى ھۇجۇملارنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش» كېلىشىمىدىن ھەربىي تەييارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈرۈۋېلىش ئۈچۈن پايدىلانغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ھالەۋى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىكى بارلىق تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلمىگىچە ئۇرۇشنى توختىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھالەۋى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىزەددىن قاسسام بىرىگادىلىرىنىڭ 7 - ئۆكتەبىردىكى ھۇجۇم پىلانى توغرىسىدا ئاخباراتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، بىراق يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلارنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا ئاساسەن دېگۈدەك  پېسەنت قىلمىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، غەززەگە قىلىنغان ھۇجۇملار ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن ھەممە ئىشنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھالەۋى ھەربىي ئىستىخبارات باشقارمىسى قاتارلىق پۈتكۈل ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 7 – ئۆكتەبىردە مەغلۇپ بولغانلىقىنى قايتا تەكىتلەپ، بۇ توغرىلىق جىددىي تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىرچە غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملارغا مەركەزلىشىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى 7 - ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغان ۋە ئىسرائىلىيە قىسىملىرىمۇ بۇنىڭغا قارىتا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىغا قارشى «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» نى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا،  كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار بولۇپ، جەمئىي 15 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر