كېلىشىم بويىچە ئەسىرلەر قويۇپ بېرىلدى

ئىسىرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى رامكىسىدا، غەززەدىن ئىسىرائىلىيەلىك ئايال ۋە بالا ئەسىرلەر، ئىسىرائىلىيە تۈرمىلىرىدىن پەلەستىنلىك ئايال ۋە بالا مەھبۇسلار قويۇپ بېرىلدى.

2069620
كېلىشىم بويىچە ئەسىرلەر قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى رامكىسىدا، ئىسىرائىلىيە تۈرمىلىرىدىن پەلەستىنلىك 30 نەپەر ئايال، ئۈچ بالا بولۇپ جەمئىي 33 نەپەر مەھبۇس قويۇپ بېرىلدى.

قويۇپ بېرىلگەن مەھبۇسلاردىن ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ياشايدىغانلار، خەلقئارا قىزىل كىرېست تەشكىلاتىنىڭ ئاپتوبۇسلىرى بىلەن ئوفېر ھەربىي تۈرمىسىدىن راماللاھقا قاراپ يولغا چىقتى.

ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن بەيتۇنيا بازىرىدا توپلانغانلارنى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە راست ئوق ئېتىپ تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇندى.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرى ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوقىدا بىر پەلەستىلىكنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شەرقىي قۇددۇستا ياشايدىغان بالا مەھبۇسلارمۇ ئىسىرائىلىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئائىلىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى. ئىسىرائىلىيە ساقچىلىرى شەرقىي قۇددۇستا قويۇپ بېرىلگەن پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى يوللاردا كونترول پونكىتلىرىنى قۇردى. بەزى پەلەستىلىك مەھبۇسلارنىڭ ئۆيلىرى تىنىتلدى. ئائىلىلەرگە «تەبرىكلىمەسلىك ۋە ئۆيلەردە يىغىلماسلىق» توغرىسىدا  ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.

ئىسىرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم رامكىسىدا، غەززەدىن  ئايال ۋە بالا بولۇپ، جەمئىي 50 ئىسىرائىلىيەلىك ئەسىر، ئىسىرائىلىيە تۈرمىلىرىدىن ئايال ۋە بالا بولۇپ، جەمئىي 150 مەھبۇس قويۇپ بېرىلگەن بولدى.

ئىسىرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى تۆت كۈنلۈك «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش» كېلىشىمى، 24-نويابىر (2023) جۈمە كۈنى شۇ يەر ۋاقتى 07.00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 11.00 دە ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر