نىگېرىيەدە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتى داۋامىدا يۈزدىن ئارتۇق تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

نىگېرىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بورنو ئۆلكىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا قارشى ئېلىپ بارغان ھاۋا ھەرىكىتى داۋامىداö يۈزدىن ئارتۇق تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

2069388
نىگېرىيەدە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتى داۋامىدا يۈزدىن ئارتۇق تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹پۇنچ› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نىگېرىيە ھاۋا ئارمىيەسى باياناتچىسى ئېدۋارد گابكۋېت نىگېرىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھەرىكىتى داۋامىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ كاتتىبېشى ئەبۇ ئەسەدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزدىن ئارتۇق تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، تېررورچىلار پاناھلىنىۋاتقان لاگېرلارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى، مۇھىم ئوق-دورىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، نىگېرىيەدە 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ 2009 – يىلدىن بۇيانقى كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە مىڭلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر