لىۋان باش مىنىستىرى نەجىب مىقاتى «بىز ئۇرۇشنى خالىمايمىز» دېدى

لىۋان باش مىنىستىرى نەجىب مىقاتى ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانىڭ جەنۇبىغا قىلغان ھۇجۇلىرىغا ئىما قىلغان ھالدا: «بىز ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايمىز» دېدى.

2069213
لىۋان باش مىنىستىرى نەجىب مىقاتى «بىز ئۇرۇشنى خالىمايمىز» دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان باش مىنىستىرى نەجىب مىقاتى ت ر ت  ئەرەبچە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا ھۇجۇم باشلىغان 7 - ئۆكتەبىردىن كېيىن، لىۋانىڭ جەنۇبىدا ھىزبۇللاھ بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۆزئارا ھۇجۇملار ئۈستىدە توختالدى.

نەجىب مىقاتى لىۋان - ئىسرائىلىيە چېگراسىدىكى مۇتەقابىلىيەت قائىدىسى (تەڭ دەرىجىدە جاۋاپ قايتۇرۇش قائىدىسى) نىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، ئەمما خاتىرجەم بولۇشقا ئەرزىيدىغان بىرەر خەلقئارالىق كاپالەتنىڭمۇ يوقلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايمىز ۋە تىنچلىقنى تەلەپ قىلىمىز، ئەمما ھەر قانداق كىشىنىڭ لىۋان زېمىنىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشىنىمۇ قەتئىي خالىمايمىز» دېدى.

پەلەستىن دەۋاسىنى ئاخىرغىچە قوللايدىغانلىقىنى، لېكىن لىۋاننى قانلىق ئۇرۇشتىن قوغداشقا تىرىشقانلىقىنى تىلغا ئالغان مىقاتى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «كىچىك بالىلارنى، ئاياللارنى ۋە ياشانغانلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشتىن باشقا يەنە يوقىتىش خاراكتېرلىق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزىدىغان بىر پسىخولوگىيەگە ئىگە دۈشمەن ئىسرائىلىيەگە قارشى قانداق كېپىللىكلەرنى بەرگىلى بولسۇن؟ چۈنكى غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملارنىڭ ھەر كۈنى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۇنىڭغا قارشى ھېچقانداق خەلقئارالىق نارازىلىق يوق» دېدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى  بىلەن ھىزبۇللاھ ئوتتۇرىسىدا  8 - ئۆكتەبىردىن بېرى چېگرادا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 85 نەپەر ھىزبۇللاھ ئەزاسى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر