بايدىن ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن: «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسى ھەم ئىسىرائىلىيە ھەمدە پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

2069059
بايدىن ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسى ھەم ئىسىرائىلىيە ھەمدە پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى ھېسابلىنىدۇ. ئىسىرائىلىيەلىكلەر ۋە پەلەستىلىكلەرنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا ئەركىن ۋە ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن ياشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بۇ نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەشتىن ۋاز كەچمەيمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر