رۇسىيە: كېلىشىمنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماسنىڭ توقۇنۇشلارنى ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرۇش كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2067875
رۇسىيە: كېلىشىمنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مارىيا زاخاروۋا پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان توقۇنۇشلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرۇش توغرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم ئۈستىدە توختىلىپ: «بىز بۇ كېلىشىمنى قارشى ئالىمىز. بۇ قەدەم غەززەلىكلەر ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان يېمەكلىك، يېقىلغۇ ۋە دورا بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ» دېدى.

كېلىشىمنىڭ قاتار بىلەن مىسىرنىڭ ھاماس ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى نەتىجىسىدە روياپقا چىققانلىقىنى تىلغا ئالغان زاخاروۋا، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز بۇ كېلىشىمنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەر تەرىپىدىن قاتتىق ئىجرا قىلىنىشىنى، ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىلىرىنى تېزدىن ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئالاقىنىڭ قويۇقلىشىشىغا تۆھپە قوشۇشىنى ۋە جىددىيلىكنى پەسەيتىشتىكى مۇھىم بىر قەدەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر