رۇسىيە تەرەپلەرنى مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش سۆھبەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇش سۆھبەت مۇساپىسىنىڭ كېچىكتۈرۈلمەستىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

2067469
رۇسىيە تەرەپلەرنى مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش سۆھبەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ موسكۋادىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «مەن يەنە بىر قېتىم تەكىتلىمەكچىمەنكى، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرگە سەل قاراش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئۇنى تېزدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، شارائىت ھازىرلىنىشى كېرەك. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ئالدى بىلەن، تىنچلىق مۇساپىسىنى ب د ت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان خەلقئارالىق ئاساسلار دائىرىسىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر تەييارلىقلارنىڭ قىلىنىشى كېرەك» دېدى.

لاۋروۋ 1967-يىلىدىكى چېگرالار ئىچىدە پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولىدىغان مۇستەقىل، تېررىتورىيەسى بىر گەۋدىلەشكەن، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، رايوندىكى ئاپەت خاراكتېرلىك ئىنسانىي كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئورتاق دىپلوماتىك مېخانىزم ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭدا رايوندىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە رايونغا ئەۋەتىلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

21 - نويابىر سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، مىسىر، ھىندونېزىيە ۋە پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، شۇنداقلا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھا موسكۋادا رۇسىيە تەرەپ بىلەن كۆرۈشۈپ، غەززە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر