نىگېرىيەدە كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن 650 مىڭ بالا ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ  قالدى

نىگېرىيەدە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن 4 يىلدا 650 مىڭ بالا ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.

2066839
نىگېرىيەدە كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن 650 مىڭ بالا ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ  قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى (UNICEF) كادۇنا ئىشتاتلىق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ باشلىقى گېرېدا بىرۇكىلا «دۇنيا بالىلار ھەق - ھوقۇقلىرى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، نىگېرىيەنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى ۋە ئاجىزلىقى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ ناچار ئىككىنچى دۆلەت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بىرۇكىلا نىگېرىيەدە 2016-يىلدىن 2021-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن 650 مىڭ بالىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، كەلگۈسى 30 يىل ئىچىدە كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن 3 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق بالىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ يېمەك - ئىچمەككە تەسىر كۆرسىتىپ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر