غەززەنىڭ شىمالىدىكى توقۇنۇشتا يەنە ئىككى ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئۇجۇقتۇرۇلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززە رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن ئەسكەرلەر سانىنىڭ 68 گە ئۆرلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

2066733
غەززەنىڭ شىمالىدىكى توقۇنۇشتا يەنە ئىككى ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، غەززەنىڭ شىمالىدىكى توقۇنۇشتا يەنە ئىككى ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، غەززەنىڭ شىمالىدىكى توقۇنۇشتا يەنە، بەش ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، 27 - ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ئۆلتۈرۈلگەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 68 گە ئۆزلىگەن.

ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىزەددىن قاسسام بىرىگادىلىرى 7 - ئۆكتەبىر (2023) ئەتىگەندە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە ۋە مەسجىدى ئەقسا قاتارلىق مۇقەددەس قىممەت قاراشلىرىغا ئۈزلۈكسىز دەخلى-تەرۇز قىلىشلىرىغا جاۋابەن «ئەقسا توپانى»  ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىمۇ  غەززە رايونىنى ھاۋادىن ئېغىر بومباردىمان قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە 7 – ئۆكتەبىردە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 310 دىن ئارتۇق ئەسكەرنى قوشقاندا، 1200 ئىسرائىلىيەلىكنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 5132 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ بىلدۈرىشىچە، قاسسام بىرىگادىلىرىنىڭ قولىدا 239 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر بار ئىكەن.

غەززەدىكى ھۆكۈمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا غەززە رايونىدا كەم دېگەندە 5000 كىچك بالا ۋە 3300 ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي 12 مىڭ 300 پۇقرا ئۆلتۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر