ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرى غەززە ھۇجۇملىرىنىڭ 45-كۈنىدىمۇ بومبارىمان قىلىشنى توختاتمىدى

ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرى غەززە ھۇجۇملىرىنىڭ 45-كۈنىدە، شەھەرنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىنى توختىماي بومباردىمان قىلدى.

2066215
ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرى غەززە ھۇجۇملىرىنىڭ 45-كۈنىدىمۇ بومبارىمان قىلىشنى توختاتمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ غەززەدىكى ھىندونېزىيە دوختۇرخانىسىنى قاتتىق بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، سەككىز كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، ئىككى دوختۇرنى قوشقاندا ئونلارچە كىشى يارىلاندى.

دوختۇرخانىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتى بومباردىمان سەۋەبىدىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.

دوختۇرخانىنىڭ قۇرۇقلۇقتىنمۇ ئوققا تۇتۇلغانلىقى ۋە ئەتراپىغىمۇ زەمبىرەك ئېتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پەلەستىن ۋافا (WAFA) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، غەززەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان خان يۇنۇس شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىنىڭ ھاۋادىن بومباردىمان قىلىنىشى نەتىجىسىدە ئونلارچە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

خان يۇنۇسنىڭ شەرقىدىكى سەخىلا بازىرى ۋە غەززە شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان زەيتىن، سەھرا مەھەللىرىنىڭ توپ بىلەن بومباردىمان قىلىنىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» نى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلەشكەن توقۇنۇشلاردا، 13 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر