ئەل سانى: ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇشقا ئاز قالدى

قاتار باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇراخمان ئەل سانى ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئەسىر ئالماشتۇرۇشقا ئالاقىدار سۆھبەتتە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك تىرانسپورت قاتارلىق كىچىك قىيىنچىلىقلارنىڭ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

2066324
ئەل سانى: ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇشقا ئاز قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەل سانى پايتەخت دوھادا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بوررېل بىلەن غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرەلەشكەنلىكىنى بايان قىلغان ئەل سانى، غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئاچارچىلىق ۋە مەجبۇرىي كۆچۈرۈش قاتارلىق قىلمىشلارنىمۇ مۇزاكىرەلەشكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

ئەل سانى ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورلىرى ئېچىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «بىزنىڭ مۇھىم ئىشىمىز، دەرھال ئۇرۇش توختىتىش، غەززە رايونىغا قارىتىلغان بارلىق ئۆچ ئېلىش ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئاچارچىلىق ۋە مەجبۇرىي كۆچۈرۇش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان غەززەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قانۇنسىز قورشاۋغا خاتىمە بېرىش» دېدى.

ئەل سانى ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئەسىر ئالماشتۇرۇشنىڭ پات يېقىندا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئەسىر ئالماشتۇرۇشتا ئالدىمىزدا پەقەت كىچىك قىيىنچىلىقلارلا قالدى» دېدى.

ئەل سانى غەززەگە يىللاردىن بۇيان يۈرگۈزۈلگەن قورشاۋنى يوقىتىشنى ۋە بۇ يەردىكى  ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەر مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرەلەشكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقىغا قارشى مەيدانىنى ئېنىق قىلىشقا چاقىردى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ قورشاۋ ئاستىدا تۇتۇپ كەلگەن غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى بىر يېرىم ئايدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەل سانى، بۇ ھۇجۇملارنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ توسۇشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى شۇنداقلا بۇ ھۇجۇملارغەززەدە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىنسانىي، ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي ئاپەتلەرنىڭ تېخىمۇ چوڭىيىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەل سانى ئىسرائىلىيەنىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا رىئايە قىلىپ، غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملارنى توختىتىشقا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورلىرىنى ئېچىشقا چاقىرىق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر