نېتانىياھۇ: «ئامېرىكا بىزگە زۆرۈر بولغان ئوق-دورىلارنى ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا»

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ 43 كۈندىن بۇيان غەززە رايونىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيەگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «زۆرۈر بولغان ئوق-دورا ئەۋەتىشنى» داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

2065993
نېتانىياھۇ: «ئامېرىكا بىزگە زۆرۈر بولغان ئوق-دورىلارنى ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېتانىياھۇ تېل ئاۋىۋدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوۋ گاللانت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇرۇش كابىنېتى ئەزاسى بېننىي گانتىز بىلەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

نېتانياھۇ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە باشلىغان ھۇجۇملىرىنىڭ تۇنجى كۈنى (7-ئۆكتەبىر) دىن بۇيان ئامېرىكانىڭ ياردىمىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن كۈچلۈك دىپلوماتىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «سۆيۈملۈك دوستىمىز جو بايدىن باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا بىز بىلەن ئورتاق مەنپەئەتلەرنى كۆزدە تۇتماقتا. بىزگە ئالاھىدە سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن ئاۋىئاماتكىلىرىنى ئەۋەتتى. زۆرۈر بولغان ئوق-دورىلارنىمۇ ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.

نېتانىياھۇ يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىن بۇيان ئامېرىكا ئىچىدە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىسرائىلىيەگە قارشى غايەت زور بېسىملار پەيدا بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، شۇنداقتىمۇ بۇلارنىڭ بەزىلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتا ۋە  قۇتۇلۇشتا ئۇتۇققا ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

نېتانىياھۇ غەززەدە ھاماسنىڭ قولىدىكى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىغا دائىر كېلىشىملەرگە ئالاقىدار نۇرغۇن يالغان خەۋەرلەرنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «ھازىرچە بىرەر كېلىشىم يوق، ئەگەر كېلىشىم ھاسىل قىلىنسا، ئۇنى ئىسرائىلىيە خەلقى بىلەن ئورتاقلىشىمىز» دېدى.

نېتانىياھۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ چەكلىك ھالدا غەززەگە ئۆتۈشىگە يول قويغانلىقىنىڭ بولسا، ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارانىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نېتانياھۇ يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان تۇنجى قېتىم جۈمە كۈنىدىن بېرى غەززەگە يېقىلغۇ كىرىشىنى قوبۇل قىلغانلىقى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، بۇ قەدەم بىلەن غەززەدىكى يېقىلغۇ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سۇ مەسىلىسى تۈپەيلى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ رايوننى ئىشغال قىلغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىلا مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نىتانىياخۇ رۇخسەت قىلىنغان يېقىلغۇنىڭ پەقەت سۇ ۋە پاسكىنا سۇ پومپىسى قاتارلىق جىددىي ئېھتىياجلىق ئۈسكىنىلەرگە ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئاز مىقداردا ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ھاماستىن كېيىن كەلگۈسىدە غەززەنى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرىشى توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر ئۈستىدىمۇ توختالغان نېتانياھۇ، «ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىك قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي ياردەم بەرمەكتە، شۇڭا پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەنى باشقۇرۇشىغا يول قويمايمىز» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر