لاھوردا سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرۇش تەييارلىقلىرى باشلاندى

پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىدىكى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرۇش پىلانلانماقتا.

2066006
لاھوردا سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرۇش تەييارلىقلىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان دۆلەت تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، دائىرىلەر پەنجاپ ئۆلكىسىگە قاراشلىق لاھور شەھىرىدىكى ھاۋا بۇلغىنىشىغا قارشى ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويغان.

ئالاقىدار ئورگانلار تەدبىر دائىرىسىدە، 28-ۋە 29-نويابىر لاھوردا سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەييارلىقلارنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ ئارىلىقتا، لاھوردىكى بارلىق مەكتەپلەرنىڭ شەنبە كۈنى تاقىلىشى ۋە بازارلارنىڭمۇ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 15.00 دىن كېيىن ئېچىلىشى قارار قىلىندى.

پەنجاپتا 8-نويابىردا ھاۋا بۇلغىنىشى يۇقىرى بولغان رايونلاردا 4 كۈنلۈك دەم ئېلىش ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ھاۋا سۈپىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان شىۋىتسارىيە تېخنىكا شىركىتى <IQAir> ئورتاقلاشقان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، پەنجاپ ئۆلكىسىگە قاراشلىق مولتان شەھىرىدە ھاۋا سۈپىتىنىڭ دەرىجىسى 470، لاھوردا بولسا 214 دەپ ئۆلچەنگەن. بۇ دەرىجىلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا «خەتەرلىك» ۋە «ئىنتايىن زىيانلىق» تۈرلەرگە كىرىدىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئۈچۈن تەييارلىغان يېتەكچىدە، PM  سەۋىيىسى 2.5 (يەنى دىئامېتىرى 2.5 مىكروومېتىردىن تۆۋەن ئىنچىكە دانچە ماددىلار) ھەر كۇب مېتىردا 10 مىكروگرامدىن تۆۋەن بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر