ھىندىستاندا تونېلدا قاپسىلىپ قالغان 40 ئىشچىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئۈزۈلۈپ قالدى

ھىندىستاننىڭ ئۇتتاراخاند ئۆلكىسىدە ، يول ىىزمىتى جەريانىدا قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان تونېلنىڭ بىر قىسمى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ قاپسىلىپ قالغان 40 ئىشچىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئۈزۈلۈپ قالدى.

2066013
ھىندىستاندا تونېلدا قاپسىلىپ قالغان 40 ئىشچىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئۈزۈلۈپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىزمەت جەريانىدا تونېلنىڭ ئىچىدىن چىققان يېرىلىش ئاۋازىنى ۋە بۇرغىلاش ماشىنىسىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بايقىغان دائىرىلەر قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى توختاتتى. ئالاقىدار تارماقلار خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشالىشى ئۈچۈن  يېڭى ماشىنىلارنىڭ رايونغا كېلىشىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاپەتنى باشقۇرۇش ئەمەلدارى دېۋېندرا پاتۋال ئۆرۈلۈپ چۈشكەن تاش قىيالارنى تازىلاش خىزمىتىنىڭ ھازىرغىچە 24 مېتىر ئىلگىرىلىگەنلىكىنى ۋە ئىشچىلارنىڭ تەخمىنەن 60 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ھىندىستاندا 12-نويابىردا يول خىزمىتى جەريانىدا قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان تونېلنىڭ بىر قىسمى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، دائىرىلەر ئاز دېگەندە 40 ئىشچىنىڭ خارابىلىككە قاپسىلىپ قالغانلىقىنى، تۇرۇبا ئارقىلىق ئىشچىلارغا ئوكسىگېن ۋە يېمەكلىك تەمىنلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خارابىلىك ئاستىدىكى ئىشچىلاردىن بەزىلىرىدە ساغلاملىق مەسىلىسى كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر