سۇداندا ئىچكى ئۇرۇش ئۇلغىيىشقا باشلىدى

ب د ت سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە 7-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، توقۇنۇشلارنىڭ ئۇلغايغانلىقىنى بىلدۈردى.

2065530
سۇداندا ئىچكى ئۇرۇش ئۇلغىيىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۇداننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

ب د ت ئافرىقا ئىشلىرى مۇئاۋىن باش كاتىپى مارتا پوبى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىغا مەلۇمات بېرىپ، تەرەپلەرنىڭ جىددە شەھىرىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم توغرىسىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ تەرەپلەر ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما دەل ئەكسىچە ئالدىنقى سەپلەردە ۋەزىيەتنىڭ يامانلاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ناھايتى ئەپسۇسكى تەرەپلەر جىددە ئۇچرىشىشىدا ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى. دەل ئەكسىچە توقۇنۇشلار ئۇلغايدى. سۇدان ناھايىتى قورقۇنچلىق ئىنسانىي كىرىسىزقا دۇچ كەلمەكتە. سۇداندا 7.1 مىليون كىشى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر