ب د ت بىرمادىكى توقۇنۇشلارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بېرمادىكى توقۇنۇشلارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن «كۈچلۈك ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» بىلدۈرۈلدى.

2065184
ب د ت بىرمادىكى توقۇنۇشلارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «گۇتېررېس (بىرمادىكى توقۇنۇشۇۋاتقان) ھەر قايسى تەرەپلەرنى خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن پۇقرالارنى قوغداشقا چاقىرىدۇ» دېدى.

دۇجارىك، گۇتېررېسنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق شېرىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، بېرمادىكى زوراۋانلىقلارغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بىرمادا ئىككى مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئاللىقاچان ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىپ بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان دۇجارىك، زوراۋانلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، گۇتېررېسنىڭ توقۇنۇشلاردىن كۈچلۈك ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بېرما خەلقىگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر