شولز: گىرېتسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىمىز

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز، گىرېتسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2064563
شولز: گىرېتسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز بىلەن گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىسنىڭ بېرلىندا كۆرۈشكەندىن كېيىن، قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

شولز تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئەزاسى، گىرېتسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ،  گېرمانىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز گىرېتسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىمىز... نەتىجىدە، بۇ ئىككى دۆلەت چوقۇم (ئوتتۇرىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان) مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك. مەن گىرېتسىيەدە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ياخشى ئالاقىنى ناھايىتى قىزىقىش بىلەن كۆزىتىۋاتىمەن. بىز يېقىن كەلگۈسىدە گىرېتسىيە ۋە تۈركىيە ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان سۆھبەتلەرگە ئۈمىدۋارلىق بىلەن قاراۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۆچمەنلەر كېلىشىمىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ سۆھبەتلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر ئۇلاف شولز، بۇ يەردە نەزەرگە ئېلىشقا تېگىشلىك ھەر خىل مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىپ: «ئۇلارنىڭ بىرى، تۈركىيە قوبۇل قىلغان كۆپ ساندىكى مۇساپىرلار مەسىلىسى. بۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. تۈركىيە ئۆز دۆلىتىگە نۇرغۇن مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلدى، بىزمۇ بۇ مۇشۇ ھالەتتە داۋاملىشىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا ياردەمچى بولۇۋاتىمىز. ئەلۋەتتە، بۇنى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كۆچمەن كەلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىپ قىلىۋاتىمىز» دېدى.

شولز، شۇڭا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۆچمەنلەر كېلىشىمىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىچوتاكىسمۇ گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ كىرىزىسنىڭ يۈكىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي ياردەمنى كۆپەيتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر