ئامېرىكادا جو بايدىن ئۈستىدىن سوتقا  ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئەرزى سۇنۇلدى

مەركىزى ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «ئاساسىي قانۇن ھەق - ھوقۇق مەركىزى» (CCR) ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن سوتقا  غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش جىنايىتى ئەرزى سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2064339
ئامېرىكادا جو بايدىن ئۈستىدىن سوتقا  ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئەرزى سۇنۇلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:مەركىزى ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «ئاساسىي قانۇن ھەق - ھوقۇق مەركىزى» (CCR) غەززە خەلقىگە قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى توسۇپ قالالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «ئاساسىي قانۇن ھەق - ھوقۇق مەركىزى» (CCR)، «ئەلھەق» ۋە «خەلقئارالىق بالىلارنى قوغداش تەشكىلاتى» قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە پەلەستىن گۇرۇھىغا ۋاكالىتەن بۇ ئەرزنى سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەرزنامىدە: «بۇ دەۋا پەلەستىنلىكلەرگە ۋاكالىتەن دۇنيادىكى ئەڭ نېگىزلىك ۋە ئەڭ مۇھىم قانۇنىي ۋە ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتنىڭ، يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتىنىڭ ئادا قىلىنىشى ئۈچۈن سۇنۇلدى» دېيىلدى.

ئەرزنامىدە غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ جاۋابكارى بايدىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىننىڭ ئىسرائىلىيەنى شەرتسىز قوللىشى سايىسىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ «ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى ۋە كۆپ ھەربىي ياردەم قىلغۇچىسى» بولغان  ئامېرىكانىڭ ھازىر «غەززە خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىش كۈچىگە ئىگە» ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئەرزنامىدە يەنە، بايدىن ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى «كىشىنى چۆچىتىدىغان دەرىجىدىكى پۇقرالار تالاپەتلىرى» گە قارىماستىن، ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئىسرائىلىيەگە ئامېرىكانىڭ ھەربىي ياردىمىنى چەكلەش چاقىرىقلىرىنىمۇ رەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى.

ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى، ئىزددىن ئەلقاسسام بىرىگادىسى 7 - ئۆكتەبىردە «ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە ۋە مەسجىدى ئەقسا قاتارلىق مۇقەددەس قىممەت قاراشلىرىغا ، قاراتقان ئۈزلۈكسىز دەخلى-تەرۇزلىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىغا جاۋابەن» كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغان ئىدى. ئىسرائىلىيە قىسىملىرىمۇ غەززە رايونىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ ۋەھشىلەرچە بومباردىمان قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 11 مىڭ 360 دىن ئېشىپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر