ناتو ئۇكرائىناغا قىلىنىدىغان قورال-ياراغ ياردىمىنى كۆپەيتىدۇ

ناتو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالدىنقى سەپلەردە زور قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇكرائىناغا قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا ياردىمىنى كۆپەيتىش كېرەكلىكىدىن بېشارەت بەردى.

2064400
ناتو ئۇكرائىناغا قىلىنىدىغان قورال-ياراغ ياردىمىنى كۆپەيتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا «ئۇكرائىنا» كۈنتەرتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ: «ئالدىنقى سەپلەردىكى ئەھۋال ناھايىتى قىيىن. بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇكرائىنانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە قىلىنىدىغان قورال-ياراغ ، ئوق-دورا ياردىمى ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ غەلىبە قىلىشىغا رۇخسەت قىلالمايمىز» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېلمۇ ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىناغا ئىسكىلاتىدىكى ئوق-دورىلارنى ياردەم قىلىش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇكرائىناغا ياردەملەرنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن قورال-ياراغ، ئوق-دورا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۆپەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ قورال-ياراغ، ئوق-دورا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەر بىلەن سانائەتچىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇچرىشىشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۈگۈن (14-نويابىر) كى يىغىندا بۇ مەسىلىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىپ، ئۇكرائىنانى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر