جوكو ۋىدودو ئامېرىكانى غەززەدىكى ۋەھشىيلىكنى توختىتىشقا چاقىردى

ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، ئامېرىكانى غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىردى.

2064190
جوكو ۋىدودو ئامېرىكانى غەززەدىكى ۋەھشىيلىكنى توختىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشىتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلدى.

پىرېزىدېنت بايدىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە مۇھىم ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك سەۋىيەسىگە چىقىرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى ۋىدودو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «ھىندونېزىيە ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىقلارنىڭ رايون ۋە يەر شارى تىنچلىقىغا شۇنداقلا گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا، ھىندونېزىيە ئامېرىكانى غەززەدىكى ۋەھشىيلىكنى توختىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشكە چاقىرىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا جىددىي ئېھتىياجى بار» دېدى.

بايدىن بىلەن ۋىدودو ئۆزئارا ئۇچرىشىشتىن كېيىن، بىرلەشمە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ھىندونېزىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك» سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

بۇ شېرىكلىك دائىرىسىدە، يېڭىلىق يارىتىش، سىجىل تەرەققىيات، ئاممىۋى ساغلاملىق، دىجىتال ئۆزگىرىش ۋە يېشىل ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا يەنە، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىقىنىڭمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر