غەربىي قىرغاقتىكى تۇل كەرىم لاگېرىغا راكېتا ئېتىلدى، ئۈچ پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى

ئىسىرائىلىيە ئۇچقۇسىدىن ئېتىلغان بىر راكېتانىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى تۇل كەرىم مۇساپىرلار لاگېرىغا چۈشۈشى نەتىجىسىدە، ئۈچ پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.

2064186
غەربىي قىرغاقتىكى تۇل كەرىم لاگېرىغا راكېتا ئېتىلدى، ئۈچ پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ۋافا (WAFA) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، تۇل كەرىمدىكى سابىت دوختۇرخانىسىغا ئىسىرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇسىدىن ئېتىلغان راكېتانىڭ چۈشۈشى نەتىجىسىدە ئۈچ پەلەستىنىك جېنىدىن ئايرىلغان.

تۇل كەرىم مۇساپىرلار لاگېرىغا بېسىپ كىرگەن ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن پەلەستىنلىك ياشلار ئوتتۇرىسىدا ئېغىر توقۇنۇش يۈز بەردى. رايوندىكى ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىگە ئورۇنلاشقان ئىسىرائىلىيە مەرگەنلىرىنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى ئوققا تۇتقانلىقى، جېنىدىن ئايرىلغانلاردىن باشقا، تۆت پەلەستىنلىك ياشنىڭ مەرگەنلەر ئاتقان ئوقتا يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ يارىدارلارنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش ئۈچۈن رايونغا كەلگەن قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىنى توسۇپ، قاتتىق تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا رۇخسەت قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى. داۋالىنىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلماقچى بولغان بىر يارىدار پەلەستىنلىكنىڭ ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ماشىنىدىن چۈشۈرۈلۈپ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۇل كەرىم مۇساپىرلار لاگېرىدىكى ئىسلامىي ۋە مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش گۇرۇپپىلىرى، ئومۇمىيۈزلۈك ئىش تاشلىدى. ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئەلخالىل شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى بەيت ئاينۇن ئەتراپىدا، ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىر پەلەستىنلىك ياشنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.

شۇنىڭ بىلەن، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى ۋە يەھۇدىي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 193 كە چىققان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر