يوۋ گالانت ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى ئالماستۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈشنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوۋ گالانت پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماسنىڭ قولىدىكى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن «كېلىشىم تۈزۈشكە بولىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

2063662
يوۋ گالانت ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى ئالماستۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈشنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Yediot Ahronot» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يوۋ گالانت پايتەخت تېل ئاۋىۋدا ئەسىرلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

گالانت بارلىق ئاماللار بىلەن ئەسىرلەرنى قۇتۇلدۇرۇشقا بەل باغلىغانلىقلىرىنى، بۇنىڭ كېلىشىم ياكى ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

گالانت: «ئۇرۇش ئۈچۈن مۇئەييەن ۋاقتىمىز يوق، ئەسىرلەر قويۇپ بېرىلگۈچە داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

گالانت بۇ قېتىمقى باياناتى ئارقىلىق تۇنجى قېتىم ھاماسنىڭ قولىدىكى ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى توغرىسىدا كېلىشىم تۈزۈش مۇمكىنچىلىكىنى تىلغا ئالغان بولدى.

ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىززەددىن قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) ئەتىگەندە، «ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا جاۋاب قايتۇرۇش» ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغان ۋە نۇرغۇن ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئەسىرگە ئېلىپ غەززەگە قايتقان ئىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى توختاۋىسىز بومباردىمان قىلىۋاتقان غەززە رايونىدا تەخمىنەن 240 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيەدە كەڭ مۇنازىرە قىلىنغان ھاماس بىلەن بارلىق ئەسىر ۋە تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى شۇنداقلا ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىگە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى قەتئىي قارشى چىققان ئىدى.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى يەنە، ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان غەززەگە قارىتا ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنىمۇ رەت قىلغان ئىدى.

ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى شەرتى ئاساسىدا ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلغان تېل ئاۋىۋھۆكۈمىتى، غەززە رايونىنى قاتتىق بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

قاسسام بىرىگادىلىرى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ قاتتىق بومباردىمانچىلىقىدا قولىدىكى تەخمىنەن 60 ئەسىرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسرائىلىيەدە ئەسىرلەرنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى ۋە ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار، ئىككى تەرەپنىڭ بارلىق ئەسىرلەر ۋە تۇتقۇنلارنى ئۆزئارا قويۇپ بېرىش تەكلىپىنى قوللىماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر