گېبرېيۇس: غەززەدە ھېچقانداق جاي ۋە ھېچكىم بىخەتەر ئەمەس

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دېرىكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس غەززەدە ھېچقانداق جاي ۋە ھېچكىمنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

2063202
گېبرېيۇس: غەززەدە ھېچقانداق جاي ۋە ھېچكىم بىخەتەر ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېبرېيۇس ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى X تىكى ئادرېسىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ قامالى ۋە شىددەتلىك ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان غەززە ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.

شەھەردىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىغا ئىشارەت قىلغان گېبرېيۇس: «غەززەدە ھېچقانداق يەر ۋە ھېچكىم بىخەتەر ئەمەس» دېدى.

خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى  غەززەدىكى دوختۇرخانىلار ئۇچرىغان ۋەيرانچىلىقنىڭ بەرداشلىق بەرگىلى بولمايدىغان ھالغا كەلگەنلىكىنى ۋە بۇنى توختىتىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

خەلقئارا قىزىل كرېست ۋە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسى باش كاتىپى جاگان چاپاگېنمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى X تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، غەززەدىكى قۇددۇس دوختۇرخانىسى ئەتراپىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قەسسام بىرىگاداسى 7-ئۆكتەبىر ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئارقىدىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززەگە قارشى «تۆمۈر قىلىچ» ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر