ئامېرىكا سۈرىيەدە ئىرانغا يېقىن گۇرۇپپىلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئارمىيە مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) سۈرىيەدە ئىرانغا يېقىن گۇرۇپپىلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2062513
ئامېرىكا سۈرىيەدە ئىرانغا يېقىن گۇرۇپپىلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيە مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM)  نىڭ X ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئىرانغا تەۋە ئىسلام ئىنقىلابىنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسىملىرى (IRGC) ۋە ئۇنىڭغا يېقىن گۇرۇپپىلار ئىشلىتىۋاتقان ئەسلىھەلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا: «بىز بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلقىمىزنى ھۇجۇمغا مەسئۇل كىشىلەردىن قوغدايمىز ھەمدە ئۆزىمىز تاللىغان ۋاقىت ۋە ئورۇندا جاۋاب قايتۇرىمىز» دېيىلدى.

باياناتتا، مەزكۇر ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئىلگىرى سۇرىيە ۋە ئىراقتا ئامېرىكا پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارغا جاۋابەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئەمما سۈرىيەنىڭ قەيەردە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە نەتىجىسى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر