ئەنگلىيە ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جېيمېس كلېۋېرلىي ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بارلىقىنى، ئەمما ئۇنى چوقۇم خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە ئىجرا قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

2061934
ئەنگلىيە ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈكرىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جېيمېس كلېۋېرلىي يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ 2023 – يىللىق نۆۋەتچى رەئىسى ياپونىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى جەريانىدا، ياپونىيەنىڭ دۆلەت قانىلى NHK نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئوتتۇرا شەرقتىكى يېقىنقى بىر ئاينىڭ مابەينىدە كۈنسېرى كۈچىيىپ كەتكەن جىددىيچىلىكنى تىلغا ئالغان كلېۋېرلىي، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا توختىلىپ، «خەلقئارا قانۇن»نىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن كلېۋېرلىي: «ئەمما، (ئىسرائىلىيە) ئۆزىنى چوقۇم خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە قوغدىشى كېرەك» دېدى.

ئەنگلىيەلىك ۋەزىر يەنە، غەززەدىكى توقۇنۇشلارنىڭ توختىتىلىپ، رايونغا تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» 7 – ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان؛ ئارقىدىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىپ، غەززەدە «تۆمۈر قىلىچلار» ھەرىكىتى قوزغىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلار جەريانىدا ھازىرغىچە ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلارچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر