ئاۋىستىرالىيەدىكى پەلەستىننى قوللاش نامايىشىدا 4 كىشى قولغا ئېلىندى

ئاۋىستىرالىيەنىڭ مېلبۇرن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىننى قوللاش نامايىشىدا 4 كىشى قولغا ئېلىندى.

2061521
ئاۋىستىرالىيەدىكى پەلەستىننى قوللاش نامايىشىدا 4 كىشى قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئەنئەنىۋى ئات بەيگىسى مېلبۇرن لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مېلبۇرن شەھەرلىك  فلېمىڭتون ئات بەيگىسى مۇسابىقە مەيدانى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا تەخمىنەن 100 كىشى قاتناشتى.

ۋىكتورىيە ساقچىلىرىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، نامايىش سەۋەبىدىن مۇسابىقە مەيدانىغا تۇتىشىدىغان يوللاردا قاتناشنىڭ توختاپ قالغان، ئات بەيگىسىنى كۆرگىلى بارغانلارنىڭ مايدانغا كىرىشىىگە نامايىشچىلار توسقۇنلۇق قىلغان.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، «پەلەستىنگە ئازادلىق» ۋە «دەرھال ئۇرۇش توختىتىلسۇن!» دەپ شوئارلار توۋلانغان  پەلەستىننى قوللاش نامايىشىدا، ساقچىلارنىڭ يوليورۇقىغا قارىماي تارقىلىشنى رەت قىلغان 4 كىشى قولغا ئېلىنغان.

باياناتتا، قولغا ئېلىنغانلار ھەققىدە «ساقچىغا قارشىلىق كۆرسىتىش جىنايىتى» بىلەن رەسمىيەت باشلانغانلىقى ۋە بۇ تۆت كىشىنىڭ مېلبۇرن غەربىي ساقچىخانىسىغا يوللانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە قىسىمملىرىنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا 10 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرا ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر