نىگېرىيەدە مەۋلۇد كۈنىنى تەبرىكلەۋاتقان جامائەت قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەنىڭ كاتسىنا ئۆلكىسىدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 20 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2061224
نىگېرىيەدە مەۋلۇد كۈنىنى تەبرىكلەۋاتقان جامائەت قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قوراللىق ئۇنسۇرلار كاتسىنا ئۆلكىسىنىڭ مۇساۋا رايونىدا مەۋلىد (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى)نى تەبرىكلەش ئۈچۈن يىغىلغان كىشىلەرنى ئوققا تۇتقان بولۇپ، ھۇجۇمدا 20 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 18 ئادەم يارىلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، يېقىندىن بۇيان نىگېرىيەنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ شۇنداقلا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بوكو ھارام ۋە ئىسۋاپ (ISWAP) قاتارلىقلارنىڭ ھۇجۇملىرى ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر