ئىران ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى موساد ئەزاسى ئۈچ جاسۇسنى قولغا ئالدى

ئىران بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى تاغلىق رايوندا، ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى موساد ئەزاسى ئۈچ جاسۇسنىڭ قولغا چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

2060617
ئىران ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى موساد ئەزاسى ئۈچ جاسۇسنى قولغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىران بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى تاغلىق رايوندا، ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى موساد جاسۇسى ئىكەنلىكى بايقالغان ۋە ئىرانغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئۈچ كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «IRNA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران بىلەن ئافغانىستاندىكى تالىبان ھۆكۈمىتى ئىستىخبارات تارماقلىرىنىڭ ئورتاق ھەرىكىتى نەتىجىسىدە قولغا چۈشكەن ۋە كىملىكى ئېلان قىلىنمىغان مەزكۇر جاسۇسلار، ئافغانىستان زېمىنىدىن ئىراندىكى بەزى نىشانلارغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان پەيتتە تۇتۇلغان.

ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى موسادقا ئىشلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ ئىراندا سوراققا تارتىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر