ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى يەھۇدىيلارغا ھۇجۇم قىلدى

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى غەربىي قۇددۇستا پەلەستىن بايرىقىنى قادىغان سىيونىزمغا قارشى يەھۇدىيلارغا ھۇجۇم قىلدى.

2059274
ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى يەھۇدىيلارغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا سىيونىزمغا قارشى يەھۇدىيلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سىنلىق يازما باياناتتا بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى غەربىي قۇددۇستىكى ھارېدى مەھەللىسىدە، پەلەستىن بايرىقىنى قادىغان «ناتۇرېي كارتا» گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بولغان يەھۇدىيلارغا ھۇجۇم قىلغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، بەزى ساقچىلار «ناتۇرېي كارتا» گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىنى دۈشكەلىگەن، مۇشتلىغان ۋە كالتەك تەڭلىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، «ناتۇرېي كارتا» گۇرۇپپىسى دىنىي ۋە ئەخلاقىي سەۋەبلەر بىلەن ئىسرائىلىيە دۆلىتى ھەم سىيونىزمغا قارشى تۇرىدىغان، دۇنيا مىقياسىدا بولۇپمۇ پەلەستىننى قوللاش بىلەن ئالدىنقى پىلانغا چىققان ئورتودوكس يەھۇدىيلار جامائىتى دەپ بىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر