ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى شەرتسىز قوللىشى ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنى شەرتسىز قوللاپ، غەززەدىكى قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىشى، ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

2059316
ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى شەرتسىز قوللىشى ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادىكى مۇسۇلمانلار بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلاشقا چاقىرىپ، ئەكسىچە بولغاندا، يۈز مىڭلارچە مۇسۇلمان سايلىغۇچىنىڭ 2024-يىلىدىكى پىرېزىدېنت سايلىمىدا ئۇنى قوللىمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

دۆلەتلىك مۇسۇلمانلار دېموكراتىك كېڭىشىنىڭ بايدىنغا بەرگەن مۆھلىتى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا شەرقىي دېڭىز قىرغىقى ۋاقتى كەچ سائەت 5 دە توشتى.

مۇسۇلمان رەھبەرلەر «2023 ئۇرۇش توختىتىش ئۇلتىماتومى» ماۋزۇلۇق ئوچۇق خېتىدە، ئامېرىكالىق مۇسۇلمان سايلىغۇچىلارنى «ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قاراتقان ھۇجۇمىنى قوللىغان ھەر قانداق بىر كاندىداتنى قوللىماسلىق ياكى ئۇنىڭغا بېلەت تاشلىماسلىق»قا سەپەرۋەر قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كېڭەشنىڭ پىرېزىدېنت جو بايدىنغا قارىتىپ يازغان ئوچوق خېتىدە: «ھۆكۈمىتىڭىزنىڭ مەبلەغ ۋە قوراللىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرتسىز قوللىشى، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان زوراۋانلىقنىڭ داۋاملىشىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى ۋە بۇ ئىش ئىلگىرى سىزگە ئىشەنگەن سايلىغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى تەۋرىتىپ قويدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

رەھبەرلەر پىرېزىدېنت بايدىننى ئىسرائىلىيەگە بولغان تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى.

بايدىن مىننېسوتا ئىشتاتىدىكى بىر يىغىن جەريانىدىمۇ نارازىلىققا ئۇچرىدى؛ بايدىن ئىشتىراك قىلغان مىننېسوتا ئىشتاتىدىكى يېپىق يىغىنىدا، بىر ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ: «پىرېزىدېنت ئەپەندى، بىر راھىبە بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىزدىن دەرھال ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقى ئېلان قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن» دېدى.

بۇ ئايال بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن زالدىن چىقىرىۋېتىلدى. تىنچلىقنى قوللىغۇچى يەھۇدىي گۇرۇپپىلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ئايالنىڭ راھىبە جېسىكا روسېنبېرگ ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھرىلىدى.

مىڭدىن ئارتۇق كىشى بايدىن يىغىن ئاچقان بىنانىڭ يېنىدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزدى؛ پەلەستىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار «بالىلارنى بومباردىمان قىلىشنى توختىتىڭلار»، «ئەركىن پەلەستىن» ۋە «دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنسۇن» دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، نامايىشچىلار ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىكى باش ۋەزىرلىك مەھكىمىسى بىناسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك بىلەن كۆرۈشكەن ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كامالا خاررىسقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىشى»نى تەلەپ قىلدى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» 7 – ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ۋە مەسجىدى ئەقسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەددەس ئورۇنلارنى ھۆرمەت ۋە ھوقۇقىنى ئىزچىل دەپسەندە قىلىشىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ غەززەنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلىشنى باشلىغانىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان بۇ قېتىمقى ھۇجۇملىرىدا ھازىرغىچە 9 مىڭغا يېقىن ئادەم قازا قىلدى، 22 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر