ئەنجىلىنا جۇلى: غەززە 20 يىلدىن بۇيان ئوچۇق تۈرمە ئىدى، ئەمدىلىكتە ئاممىۋى قەبرىستانلىققا ئايلاندى

ئامېرىكالىق مەشھۇر ئارتىس ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق ياخشى نىيەتلىك باش ئەلچىسى ئەنجىلىنا جۇلى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى جىبالىيە پاناھلانغۇچىلارر لاگېرىغا قىلغان ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى.

2059422
ئەنجىلىنا جۇلى: غەززە 20 يىلدىن بۇيان ئوچۇق تۈرمە ئىدى، ئەمدىلىكتە ئاممىۋى قەبرىستانلىققا ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: دۇنياغا داڭلىق سەنئەتچى ئەنجىلىنا جۇلى ئىستېگرام ھېساباتىدا پاناھلانغۇچىلار لاگېرىنىڭ ھۇجۇمدىن كېيىنكى رەسىملىرىنى ھەمبەھىرلەپ، «بۇ قېچىشقا ھېچقاندان يېرى بولمىغان ۋە قاپسىلىپ قالغان بىر خەلقكە قەستەن قىلىنغان ھۇجۇمدۇر» دېدى.

ئەنجىلىنا جۇلى غەززەنىڭ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغانلىقىنى ۋە بۈگۈنكى كۈندە ناھايىتى تېزلا ئاممىۋى قەبرىستانلىققا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، «دۇنيا بولىۋاتقان ئىشلارنى تاماششا قىلماقتا. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئاكتىپ قوللىشى بىلەن مىليونلىغان پەلەستىن پۇقراسى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھالدا يېمەكلىك، دورا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا، كوللېكتىپ جازالانماقتا ۋە ئىنسانلىقتىن چىقىرىلماقتا» دېدى.

ئەنجىلىنا جۇلى تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرىپ، «ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە ئۇرۇش توختىتىشىنى مەجبۇرلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق دۇنيا رەھبەرلىرى بۇ جىنايەتلەرگە شېرىك بولماقتا» دېدى.

غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى جىبالىيە پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، دەسلەپكى ئېنىقلاشلار نەتىجىسىگە ئاساسالانغاندا، ھۇجۇمدا 100 دىن كۆپرەك كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە لاگېردىكى پۇقرالار ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ بىرى بولغان 6 كوچا رايونىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ جىبالىيە پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا 24 سائەت ئىچىدە قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇمىدا قازا قىلغان، يارىلانغان ۋە يوقاپ كەتكەنلەر سانىنىڭ 1000 غا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر