خالىد بىن سەلمان ۋاشىنگتوندا لويد ئوستىن بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خالىد بىن سەلمان بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنى تەكىتلىدى.

2059477
خالىد بىن سەلمان ۋاشىنگتوندا لويد ئوستىن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگوننىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، مىنىستىر ئوستىننىڭ مىنىستىر بىن سەلمان بىلەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا كۆرۈشكەنلىكى؛ ئۇچرىشىشتا، ئوستىننىڭ ئامېرىكانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى مۇداپىئە قىلىش توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ۋە كېڭەيتىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئوستىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رايوندا ئويناۋاتقان رولىغا رەھمەت ئېيتىپ، دۆلىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن رايوندىكى تەھدىتلەرگە قارشى داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مەنسەپدىشىغا مەلۇمات بەرگەن ئوستىن، ئامېرىكانىڭ پۇقرالارنى قوغداش ۋە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئىككى مىنىستىر رايوندىكى جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر