ياۋروپا ئىتتىپاقى غەربىي قىرغاقتىكى «يەھۇدىي تېررورلۇقى» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى غەربىي قىرغاقتا «يەھۇدىي ئاشقۇن كۆچمەنلىرىنىڭ تېررورلۇقى» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

2058846
ياۋروپا ئىتتىپاقى غەربىي قىرغاقتىكى «يەھۇدىي تېررورلۇقى» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «غەربىي قىرغاقتىكى يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ تېررورلۇقىنىڭ ئەۋج ئېلىشى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن پەلەستىن پۇقرالىرى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەر ئۆي-ماكانلىرىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولدى» دېيىلدى.

باياناتتا: «بۇ ئەھۋال كونترولدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن ۋە يەرلىك ئاھالىلەر ئۈچۈن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. تېزلىكتە مۇھىم تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش كېرەك» دېيىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاقتىكى پۇقرالارنى ئاشقۇن (يەھۇدىي) كۆچمەنلەرنىڭ زوراۋانلىقىدىن قوغداش، جىنايەتچىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇنى توسۇش مەجبۇرىيىتىڭ بارلىقى تەكىتلەندى ۋە بۇنىڭ قانۇنىي مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«بۇ ئەھۋال غەززەدىكى بۇرۇندىنلا مەۋجۇت بولغان ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتنى تېخىمۇ تىراگېدىيەلىك ھالغا كەلتۈرمەكتە ۋە خەتەرلىك شەكىلدە توقۇنۇشنىڭ كەسكىنلىشىش خەۋپىنى ئاشۇرماقتا. ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قاتئىينەزەر بۇ ئىشلاردىن ساقلىنىش لازىم.»

ئىشغالىيەت ئاسىتدىكى غەربىي قىرغاقتا 7 – ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ۋە يەھۇدىي ئاشقۇن كۆچمەنلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 126 گە يەتتى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا (ئىشغالىيەت رايونىغا) ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيلار 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق ۋە قۇددۇستا پەلەستىنلىكلەرگە ھەمدە ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىگە بىر قانچە يۈز قېتىم ھۇجۇم قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر