ئىسرائىلىيە جىبالىيە مۇساپىرلار لاگېرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قامال ئاستىدىكى غەززەنىڭ پۇقرالار تۇرۇۋاتقان جىبالىيا مۇساپىرلار لاگېرى ئاھالىلەر رايونىغا قىلغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.

2058688
ئىسرائىلىيە جىبالىيە مۇساپىرلار لاگېرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى دانىيال خاگارى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، غەززەگە جايلاشقان جىبالىيا مۇساپىرلار لاگېرىدىكى نۇرغۇن پۇقرانىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق غەززەگە كىرگەندىن كېيىن، ھاماس (پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى)نىڭ «ئۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان» يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئىبراھىم بىئارىغا زەربە بەرگەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھۇجۇم ئارقىلىق «نۇرغۇن تېررورچى»لارنى ئۆلتۈرگەنلىكلىرىنى، رايوندا «كەڭ دائىرىلىك ھەربىي ئۇل ئەسلىھە بولغاچقا، ئۇنىڭ باشقا بىنالارنىڭمۇ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى»نى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ جىبالىيا مۇساپىرلار لاگېرىغا قىلغان تۈنۈگۈنكى ھۇجۇمىدا 100 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر