شىمالىي كورېيە مادرىدتىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىدى

شىمالىي كورېيە بىر قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كېيىن، ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتىكى ئەلچىخانىسىنىمۇ تاقىدى.

2058884
شىمالىي كورېيە مادرىدتىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ بىر دىپلوماتىك ھۆججەتنى مەنبە قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتى مادرىدتىكى ئەلچىخانىسىنى تاقاپ، ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى  ئەلچىخانىسىنىڭ ئىسپانىيەدىكى پائالىيەتلەرنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىمالىي كورېيە بۇ قارارنىڭ سەۋەبىنى بىلدۈرمىدى، ئەمما مەتبۇئاتلاردا «بۇ قارارغا پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق ئېمبارگولار سەۋەبىدىن دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي كىرىزىسى سەۋەب بولدى» دېگەن قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

شىمالىي كورېيە 2001-يىلى ئىسپانىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، 2013-يىلى مادرىدتا  ئەلچىخانا ئاچقان ئىدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ مادرىدتىكى تۇنجى باش ئەلچىسى كىم خيوكول پىيوڭياڭنىڭ يادرو سىنىقى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى سەۋەبىدىن «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» ئېلان قىلىنغان ۋە 2017-يىلى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئىدى.

شىمالىي كورېيە يېقىندا ئانگولا ۋە ئۇگاندادىكى ئەلچىخانىلىرىنىمۇ تاقاپ، باش ئەلچىلىرىنى قايتۇرۇپ كەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر