غەربىي سەھرايى كەبىردىكى ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۇزارتىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشى غەربىي سەھرايى كەبىردە تۇرۇشلۇق ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

2058063
غەربىي سەھرايى كەبىردىكى ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۇزارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماراكەش خەۋەر ئاگېنتلىقى — ماپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنغان 2703- نومۇرلۇق  قارارنىڭ ئىككىگە قارشى 13 دۆلەتنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى بىلەن ماقۇللانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بۇ قارارغا ئاساسەن، ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ غەربىي سەھرايى كەبىردىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2024-يىلى 31- ئۆكتەبىرگىچە ئۇزارتىلغان بولدى.

ماراكەشنىڭ 1975- يىلى سابىق ئىسپانىيە مۇستەملىكىسى بولغان غەربىي سەھرايى كەبىرنى ئۆز زېمىنلىرىغا قوشۇشىدىن كېيىن، ئالجىرىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى پولىسارىئو فىرونتى بىلەن رابات ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا باشلانغان زىددىيەت ھېلىھەم داۋاملاشماقتا.

ماراكەش رايوننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدا قېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويسا، پولىسارىئو فىرونتى غەربىي سەھرايى كەبىرنىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

پولىسارىئو فىرونتى 1991- يىلى ب د ت نىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن ئارقىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگىچە ماراكەش بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارشى قوراللىق كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتاتتى.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن بۇيان، غەربىي سەھرايى كەبىرنىڭ سىياسىي سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر