غەززەدە ئۈزۈلۈپ قالغان ئۇچۇر - ئالاقە ئۈچ كۈندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىشكە  باشلىدى

ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى غەززەدە ئۇچۇر - ئالاقە ئۈزۈلۈپ ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت قايتىدىن ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى.

2057494
غەززەدە ئۈزۈلۈپ قالغان ئۇچۇر - ئالاقە ئۈچ كۈندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىشكە  باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: غەززەنىڭ خەلقئارا ياردەم تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئۇچۇر- ئالاقىسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مىلياردېر سودىگەر ئېلون ماسكمۇ ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدىكى غەززە رايونىدا ئۈچ كۈندىن بۇيان مۇقىم تېلېفون، يانفون ۋە ئىنتېرنېت تورى ئالاقە مۇلازىمىتى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى. بولۇپمۇ غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم گۇرۇپپىلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلغىلى بولمىغان ئىدى. تۈنۈگۈن (29-ئۆكتەبىر) ئەتىگەندە، مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنغانلىقى ۋە ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئېلون ماسكمۇ ستارلىڭ غەززە رايونىدىكى تونۇلغان خەلقئارالىق ياردەم تەشكىلاتلىرىنى تور ئۇلىنىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

قاتناش ۋە ئۇل -ئەسلىھە مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇ ئېلون ماسكنىڭ غەززەنىڭ چاقىرىقىغا ئىجابىي جاۋاب قايتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدىكى يازمىسىدا: «ستارلىڭ سۈنئىي ھەمراھلىرىڭىزنىڭ غەززەدىكى خەلقئارالىق ياردەم تەشكىلاتلىرىغا سۈنئىي ھەمراھ ئۇلىنىش ياردىمى قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە ئۇچۇر - ئالاقە مىنىستىرى شلومو كارى ئېلون ماسكقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بىز بارلىق ئاماللاردىن پايدىلىنىپ، غەززەنى ئىنتېرنېت بىلەن تەمىنلەشكە قارشى كۈرەش قىلىمىز» دېگەن ئىدى.

ئېلون ماسك بۇ ئىشلاردىن كېيىنكى باياناتىدا، غەززەگە بېرىلىدىغان ئىنتېرنرت مۇلازىمىتىنىڭ پەقەتلا ئىنسانپەرۋەرلىكنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر