زاخاروۋا: ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتى بۇ رايونغا مۇقىملىق ئېلىپ كېلەلمەيدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنىڭ بۇ رايونغا مۇقىملىق ئېلىپ كېلەلمەيىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2056757
زاخاروۋا: ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتى بۇ رايونغا مۇقىملىق ئېلىپ كېلەلمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىغا «THAAD» ۋە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قارارىغا قارىتا رۇسىيەنىڭ قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

«رۇسىيە <ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتى بۇ رايونغا مۇقىملىق ئېلىپ كېلىدۇ> دەپ ئويلىمايدۇ. ئەكسىچە، سىلەرگىمۇ ئايان بولغىنىدەك، ئۇزۇن يىلللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىختىلاپنىڭ ھەقىقىي سەۋەبلىرىنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقان ۋاشىنگىتوننىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىنى مونوپول قىلىۋېلىش ئۇرۇنۇشلىرى دەل بۈگۈنكى كۈندىكى بالايىئاپەتنىڭ نەتىجىلىرىنى تۇغدۇردى. نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مەزكۇر ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى بۇ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەمەس، ئەكسىچە  ئىسرائىلىيە – پەلەستىن توقۇنۇشىنىڭ دەرھال ئاخىرلىشىشىدۇر.»

ئۇ يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ قەدەملىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەنلىكى ۋە كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر