ياۋروپا ئىتتىپاقى تىنچلىق كونفېرانسى ئۆتكۈزۈشنى قوللايدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسىراىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان تىنچلىق كونفېرانسىنىڭ پات يېقىندا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما كونفېرانستا ھاماسنىڭ بىر رولىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2056655
ياۋروپا ئىتتىپاقى تىنچلىق كونفېرانسى ئۆتكۈزۈشنى قوللايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى چارلېز مىشېل بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئىككى رەھبەر ياۋروپا ئىتتىپاقى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قوبۇل قىلىدىغان ھاماسنىڭ ئىسىرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ۋە بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئىسىرائىلىيە بومباردىمان قىلىۋاتقان غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى تېز سۈرئەتتە يەتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى مىشېل ئىسىرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يىللاردىن بۇيان قوللاپ كەلگەن ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسىنىڭ، بىردىنبىر چارە ئىكەنلىكىنى تەكرارلىدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنىڭدا مۇھىم رول ئويناشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ياۋروپادا ياكى باشقا بىر يەردە پات يېقىندا تىنچلىق كونفېرانسى ئۆتكۈزۈش پىكرىنى قوللايمىز. كونفېرانسنى رايوندا سىجىل مۇقمىلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، دەپ ئويلايمىز. ئوچۇقىنى ئېيتساق، ھاماس تېررورلۇق تەشكىلاتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتنىشىدىغان خەلقئارالىق كونفېرانستا ھاماسنىڭ ھېچقانداق رولى بولمايدۇ، دەپ ئويلايمەن» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ خىتابنامەسىدە، ئىسىرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدا تىنچلىق كونفېرانسى ئۆتكۈزۈش پىكرىگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

خىتابنامەدە، «ياۋروپا ئىتتىپاقى تىنچلىق كۈچى تىرىشچانلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسى ئاساسىدا سىياسىي مۇساپىنىڭ جانلاندۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇشقا تەييار. ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىك تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك تىرىشچانلىقلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. پات ئارىدا خەلقئارالىق تىنچلىق كونفېرانسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى قوللايدۇ» دېيىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەرەب ئىتتىپاقى، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە ئىيوردانىيە ئۆتكەن ئاي (2023-يىلى سېنتەبىر) نىيۇ يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن  78-نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا، ئىسىرائىلىيە بىلەن پەلەستىن كېلىشىم ھاسىل قىلغاندا قولغا كەلتۈرىدىغان مەنپەئەتلىرىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىرىپ تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىشنى مەقسەت  قىلغان «تىنچلىق كۈنى تىرىشچانلىقى» ناملىق پائالىيەتنى باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر