مىنىستىر گۇلەر نىگېرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر پايتەخت ئەنقەرەدە نىگېرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد بەدارۇ ئەبۇباكار بىلەن كۆرۈشتى.

2056829
مىنىستىر گۇلەر نىگېرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر بىلەن نىگېرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد بەدارۇ ئەبۇباكارنىڭ ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە – نىگېرىيە ئوتتۇرىسىدا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر