«غەززەدە مىڭلارچە بىمار ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە»

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرى ئاستىدىكى غەززە رايونىدا ساقلىقنى ساقلاش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن مىڭلارچە بىمارنىڭ ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

2056713
«غەززەدە مىڭلارچە بىمار ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى تىدروس ئادخانوم گېبرېيېسۇس، ئىسرائىلىيەنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرى ئاستىدىكى غەززە رايونىدا، ساقلىقنى ساقلاش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن، مىڭلارچە بىمارنىڭ ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

گېبرېيېسۇس ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە، ئىسرائىلىيە – پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيەنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرى ئاستىدىكى غەززە رايونىدا، ساقلىقنى ساقلاش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى مىڭلىغان بىمارلارنى ئۆلۈم خەۋىپىگە دۇچار قىلماقتا.»

«دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئالاقىدار تەرەپلەرنى غەززە ئاھالىسىنى يېمەكلىك، سۇ ۋە يېقىلغۇدىن مەھرۇم قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈشكە چاقىرىدۇ.»

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى. غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىلغان، قوراللىق گۇرۇپپىلارمۇ رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا بېسىپ كىرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلارچە كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر