ب د ت: ئىسرائىلىيە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىشكە قارشى چىقماقتا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىنگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش ئىشلىرى ماسلاشتۇرغۇچىسى ليىن خاستىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىنىڭ شىمالىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىلىشىگە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا قارشى چىقىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2056831
ب د ت: ئىسرائىلىيە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىشكە قارشى چىقماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەنۋە ئىشخانىسىنىڭ ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان خاستىڭس، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئاستىدىكى  غەززە رايونىدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيە (نۆۋەتتە تەخمىنەن 400 مىڭ ئادەم قالغان) غەززەنىڭ شىمالىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىلىشىگە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا قارشى چىقماقتا.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش ئورگىنىنىڭ باش كومىسسارى فىلىپ لاززارىنى مۇنداق دېدى:

«غەززەلىكلەر بومبىلار ۋە ھۇجۇملار سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ، يەنە كۆپىنچىسى پات ئارىدا غەززە رايونىغا قارىتىلغان قامالنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرى نەتىجىسىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ قامال ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان <2 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى كوللېكتىپ جازالاش> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر