ئابباس: غەززەدە يۈز بەرگەنلەردە دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس غەززەدە يۈز بەرگەنلەردە، ئىسرائىلىيە ۋە ئىسىرائىلىيە ئىشغالچى ھۆكۈمىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرغان دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېيتتى.

2055531
ئابباس: غەززەدە يۈز بەرگەنلەردە دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس ئىشغال ئاستىدىكى راماللاھتا فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى.

پەلەستىن تېلېۋىزىيەسى مەھمۇت ئابباس-ماكرون سۆھبىتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتلارنى تارقاتتى.

مەھمۇت ئابباس پەلەستىندە يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ ئىسرائىلىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئىشلاردا ئىسرائىلىيەنى تاجاۋۇزچىلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئىلھام بەرگەن دۇنيا دۆلەتلىرىدىمۇ ئوخشاش مەسئۇلىيەتنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ رەسمىي ئۇرۇش توختىتىشنى، بىخەتەرلىك كارىدورىنىڭ ئېچىلىشىنى، سۇ، ئېلېكتر، يېقىلغۇ ۋە باشقا ئېھتىياجلارنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «غەززەدە بولسۇن ياكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بولسۇن، پەلەستىنلىكلەرنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلىنىپ، پەلەستىننىڭ سىرتىغا كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى تۇرىمىز» دېدى.

ئۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى تەرەپلەرگە ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرونغا، ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى دەرھال توختىتىشنى، خەلقئارالىق تىنچلىق كونفېرانسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى ۋە مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى چاقىرىق قىلىپ: «غەززە ئىشغال قىلىنغان زېمىنلارنىڭ بىر پارچىسى. غەززەگە قارىتىلغان قىسمەن ياكى بىخەتەرلىكنى مەزمۇن قىلغان ھەر قانداق ھەل قىلىش چارەسىنى رەت قىلىمىز. بىز كەڭ دائىرەلىك سىياسىي ھەل قىلىش چارەسىگە ئەمەل قىلىمىز» دېدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون: «ھەر قانداق ئىش ھېچبىر يەردە تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. پەلەستىن خەلقىگە ۋە ھاماس باشلىغان ھۇجۇمدىن كېيىن پەيدا بولغان شىددەتلىك زوراۋانلىقلارنىڭ بارلىق قۇربانلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمەن» دېدى.

ئۇ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈچ ئاساسىي بولۇشى كېرەكلىكىنى، بۇلارنىڭ «تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىغا قارشى كۈرەش، پۇقرالارنىڭ قوغدىلىشى ۋە سىياسىي تىرىشچانلىقلارنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىر قانچە سائەتلىك راماللاھ زىيارىتىدىن ئىلگىرى ئىسىرائىلىيەنى زىيارەت قىلغان ئىدى. ئۇ بۇ جەرياندا «تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىغا قارشى ئۇرۇش» دەپ ئاتىغان «خەلقئارا بىرلەشمە قوشۇن قۇرۇش» نى چاقىرىق قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر