تېھران: ئامېرىكا بىزگە ئىككى قېتىم ئۇچۇر يوللىدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان ئامېرىكانىڭ تېھرانغا ئىككى قېتىم ئۇچۇر ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2055034
تېھران: ئامېرىكا بىزگە ئىككى قېتىم ئۇچۇر يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان پايتەخت تېھراندا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىراننىڭ ئۆزىنىڭ دىنىي، مىللىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قىممەت قارىشى دائىرىسىدە پەلەستىننىڭ ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئوچۇق جاكارلاپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىر مەخپىيەتلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالغان كۈچ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن، زېمىنلىرى ئىشغال قىلىۋېلىنغانلار قوراللانسا ۋە قورال- ياراغ ئىشلىتىپ ئۆزىنى قوغدىسا بولىدۇ. بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىنى كۆرمەسكە سالماقتا. ئۇلار ھاماس (پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى) ۋە پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەشنىڭ كويىدا» دېدى.

ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھىزبۇللاھقا «ئىسرائىلىيەگە قارشى يېڭى فىرونت ئاچماسلىق توغرىسىدا ھازىرغا قەدەر <ئونلارچە ئۇچۇر> ئەۋەتكەنلىكى»نى بىلدۈرگەن مىنىستىر ئابدۇللاھىيان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئامېرىكا ئىرانغىمۇ ئىككى قېتىم ئۇچۇر ئەۋەتتى. بىرىنچىسىدە ئۇلار <بىز ئۇرۇشنى كېڭەيتىشنى خالىمايمىز> دېدى. ئىككىنچىسىدە، ئىراندىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا ئۇرۇشنى كېڭەيتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئەۋەتكەن قوراللار بىلەن پەلەستىنلىك پۇقرالار، بالىلار ۋە ئاياللارغا قىلىنىۋاتقان غەززەدىكى ھۇجۇملارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. مەن بۇ يەردىن (ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو ) بايدىنغا خىتاب قىلىمەن: رىياكارلىققا خاتىمە بەر. سايلام رىقابىتى جەريانىدا دۇنياغا ۋەدە قىلغان كىشىلىك ھوقۇق مۇشۇمىدى؟» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر