ب د ت غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئاپتوموبىللىرىنىڭ كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى

ب د ت 21-ئۆكتەبىر (2023) دىن تارتىپ رەفاھ چېگرا ئېغىزىدىن غەززەگە كىرگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىلى سانىنىڭ 54 كە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

2055025
ب د ت غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئاپتوموبىللىرىنىڭ كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىك كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ غەززەگە تېخىچە يېقىلغۇ ياردىمى قىلىنمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ب د ت يېقىن شەرقتىكى پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش جەمئىيىتىنىڭ «يېقىلغۇ باكلىرىنىڭ تېگىنى كۆردۇق» دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ۋە بىر قانچە كۈنلۈك يېقىلغۇ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن تارتىپ غەززەگە توك بېرىلمىگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ، بولۇپمۇ دوختۇرخانىلارنىڭ تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى، 700 كارۋاتلىق شىفا دوختۇرخانىسىدا تەخمىنەن 5 مىڭ بېمارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تۈنۈگۈن (23-ئۆكتەبىر) غەززەگە 20 يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «غەززەگە 21-ئۆكتەبىردىن باشلاپ كىرگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى ئاپتوموبىلىنىڭ سانى 54 كە چىقتى» دېدى.

ئۇ كىرىزىستىن ئىلگىرى رايونغا كۈنلۈكى تەخمىنەن 450 ئىنسانپەرۋەلىك ياردەم ئاپتوموبىلىنىڭ كىرىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ياردەملەرنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ غەززەدىكى ئەلئەھلى باپتست دوختۇرخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ تەكشۈرۈلۈشى ئۈچۈن ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسقا، ب د ت سوت ئورگانلىرىدىن بىرىنىڭ ھوقۇق بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ب د ت ئەسلىھەلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ ئاپتوماتىك ھالدا تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز كۆرگەن بارلىق قانۇن دەپسەندىچىلىكلىرى تەكشۈرۈلۈشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر