ئىتالىيە باش مىنىستىرى ئىسرائىلىيەگە يېتىپ باردى

ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىيا مېلونى ئىسرائىلىيەدە مەنسەپدىشى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشتى.

2054359
ئىتالىيە باش مىنىستىرى ئىسرائىلىيەگە يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مېلونىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە ئىتالىيە باش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «باش مىنىستىر گىئورگىيا مېلونى مىسىردا دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن قاھىرە تىنچلىق باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھاماسنىڭ 7-ئۆكتەبىر (2023) دە پۇقرالارغا قىلغان تىراگېدىيەلىك ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىتالىيەنىڭ ھەمكارلىق ۋە يېقىنلىق ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە يېتىپ باردى» دېيىلدى.

باياناتتا باش مىنىستىر نېتانياھۇ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشىنىڭ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ۋە قاھىرە يىغىنىغا قوشۇپ باھالاپ چىقىش پۇرسىتى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا، «باش مىنىستىر مېلونى ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە ئۆزىنى قوغداش ۋە تىنچ ياشاش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەززەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرگە ئېرىشىشنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىشىنى ۋە بۇ رايوننىڭ تىنچلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر