ئىسىرائىلىيەنىڭ بومباردىمانلىرىدا 4 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى كېچە (22-ئۆكتەبىر) بويىچە غەززەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىنى ئايروپىلان ۋە توپ ئوقلىرى بىلەن قىلغان بومباردىمانلىرىدا، 400 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.

2054525
ئىسىرائىلىيەنىڭ بومباردىمانلىرىدا 4 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ۋافا (WAFA) ئاگېنتلىقى شەھەردىكى سەھىيە ئورگانلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغان ھالدا غەززەدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ %70 نى بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغان كىشىلەرنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ۋافا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان ئىسىرائىلىيەنىڭ بومباردىمانلىرىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 4 مىڭ 700 كە چىققان.

غەززەگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بومباردىمانلارنىڭ 16-كۈنىدە، ئىسىرائىلىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمانى ۋە قۇرۇقلۇقتىن قىلىنغان ھۇجۇملاردا بىر كۈندە 400 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.

سەھىيە ئورگانلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يەكشەنبە (22-ئۆكتەبىر) كۈنى خان يۇنۇس مۇساپىرلار لاگېرىدا 44، رەفاھتا 57، شەھەرنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا 168، غەززە شەھەر مەركىزىدە 66، شىمالدا 44 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلغان.

مىسىر چېگراسى ئەتراپىغا جايلاشقان رەفاھ شەھىرىدىكى بىر ئۆينىڭ بومباردىمان قىلىنىشى نەتىجىسىدە، ئالتە كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 11 كىشى يارىلانغان. كارارا مەھەللىسىدە بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلغان. غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان مىغراكا رايونىدىكى بىر ئۆينىڭ بومباردىمانىدا تۆت كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، ئالتە كىشى يارىلانغان.

جىباليا مۇساپىرلار لاگېرىدىكى ئىككى ئۆي ۋە ئەلئالبانى مەسجىدى بومباردىمانىدا 20 دىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.

ۋافا ئاگېنتلىقىنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىقىدىن نەقىل ئېلىپ ئېلان قىلغان مەلۇماتلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئىسىرائىلىيەنىڭ بومباردىمانىدا غەززەدىكى بەزى مەھەللىلەر پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان. بەزى ئائىلىلەرنىڭ بارلىق ئەزالىرى جېنىدىن ئايرىلغان.

ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى شىفا دوختۇرخانىسى ۋە قۇددۇس دوختۇرخانىسىنىڭ ئەتراپىنىمۇ بومباردىمان قىلدى.

غەززەدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ شەيخ رىدۋان ۋە ئەلبەسرە مەھەللىسىدىكى ئۆيلەرنى بومباردىمان قىلغان. بومباردىماندا ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرى كۆرۈلگەن.

ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان جىبالىيا مۇساپىرلار لاگېرىنى بومباردىمان قىلدى. بومباردىماندا، نۇرغۇن پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى، ئونلارچە كىشى يارىلاندى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەگە ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا نۇرغۇن پەلەستىنلىك قولغا ئېلىندى.

ئەلئەقسا قانىلىنىڭ تېلېگرام سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى تىنىتىشلىرىدا قوراللىق قارشىلىققا دۇچ كەلگەن.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ھىزبۇللاھنىڭ كۆزىتىش نۇقتىلىرى ۋە ئايتارۇن يېزىسى ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى.

غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقنىڭ تېلېگرام ئادرېسىدا، مىنىستىرلىق باياناتچىسى ئەشرەف ئەلقۇدرانىڭ غەززەدە يېقىلغۇسى تۈگىگەن دوختۇرخانىلارغا ئىئانە قىلىش چاقىرىقىغا مۇناسىۋەتلىك باياناتى ھەمبەرلەندى.

باياناتتا، «يېقىلغۇ پونكىتى خوجايىنلىرىنى ۋە قولىدا قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر دوختۇرخانىلارغا ئىئانە قىلىشقا چاقىرىمىز» دېيىلدى.

باياناتچى ئەشرەف ئەلقۇدرا دوختۇرخانىلارغا يېقىلغۇ ئىئانە قىلماسلىقنىڭ 38 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1100 نەپەر بۆرەك يېتىشمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بېمارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» 7 – ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە قارىتىپ مىڭلارچە راكېتامىيوت ئاتقان ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىپ غەززەگە قارشى «تۆمۈر قىلىچ» ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر