خىتاي پاراخوتلىرى فلىپپىن پاراخوتىغا سوقۇلدى

فلىپپىن دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىشلىق دېڭىز تەۋەلىكىدە خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ فلىپپىن پاراخوتلىرىغا قەستەن سوقۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2054329
خىتاي پاراخوتلىرى فلىپپىن پاراخوتىغا سوقۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: فلىپپىن خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ بىر پاراخوتى ۋە «خەلق ئەسكەرلىرى پاراخوتى» نىڭ، فىلىپپىن دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىشلىق دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ جەنۇبىدا فىلىپپىن دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى پاراخوتى ۋە فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تەمىنلەش پاراخوتىغا قەستەن سوقۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

غەربىي فلىپپىن دېڭىزى دۆلەتلىك خىزمەت ئەترىتى (NTF-WPS) نىڭ باياناتىدا، سوقۇلۇش ۋەقەسىنىڭ سپراتل ئارىلىغا يېقىن ئىككىنچى توماس رايونىدا يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ پاراخوتى بىلەن «خەلق ئەسكەرلىرى پاراخوتى» نىڭ فلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى پاراخوتى ۋە تەمىنلەش پاراخوتى بىلەن سوقۇلغانلىقى ھەققىدىكى باياناتىدا، سوقۇلۇشنىڭ «فلىپپىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ قېتىمقى سوقۇلۇش «كۈچلۈك» ئەيىبلەنگەن باياناتتا، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى پاراخوتىنىڭ «خەتەرلىك، مەسئۇلىيەتسىز ۋە قانۇنسىز» ھەرىكەتلىرىنىڭ، فىلىپپىن پاراخوت خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئامېرىكانىڭ مانىلادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارىيكاي كارىلسونمۇ X ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ مەزكۇر ھەرىكىتىنى «ئەيىبلەيدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ 6-ئاۋغۇست (2023) تا رايونغا يېقىنلىشىۋاتقان فلىپپىننىڭ تەمىنلەش پاراخوتىغا يۇقىرى بېسىملىق سۇ چېچىشى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى.

فلىپپىن 4-ئۆكتەبىردە خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى پاراخوتىنىڭ توسالغۇلىرىغا قارىماي، خىتاي پاراخوتلىرى تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن مۇھاسىرىنى بوسۇپ چىقىپ، رايوندىكى فىلىپپىن قىسىملىرىغا تەمىنات بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر