بلىنكېن ئوتتۇرا شەرقتىكى قوراللىق كۈچلىرىنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئىسىرائىلىيە-ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كۈچەيگەن ئەھۋال ئاستىدا ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى قوراللىق كۈچلىرىنى ۋە ھەربىي خادىملىرىنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2054449
بلىنكېن ئوتتۇرا شەرقتىكى قوراللىق كۈچلىرىنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ن ب س تېلېۋىزىيەسىنىڭ بىر پىروگراممىسىغا قاتناشقاندا، ئامېرىكانىڭ ئىسىرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىنى «ئىراننىڭ ئارىلىشىشى بىلەن تېخىمۇ ئۇلغىيىدۇ» دەپ پەرەز قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئامېرىكا خادىملىرى ياكى قوراللىق كۈچلىرى «ھەر قانداق دۈشمەنلەرچە ھەرىكەتنىڭ نىشانىغا ئايلانغان ئەھۋالدا جاۋاب قايتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكى» نى بىلدۈردى.

ئۇ: «بىز بۇنى ئۈمىد قىلمايمىز، بىز جىددىيچىلىكنىڭ ئۇلغىيىشىنى خالىمايمىز. قوراللىق كۈچلىرىمىزنىڭ ياكى ھەربىي خادىملىرىمىزنىڭ ئۇرۇش ئاستىدا قېلىشىنى خالىمايمىز، ئەمما بۇنداق بىر ئىش يۈز بەرسە، بىز ئۇنىڭغا تەييارمىز. ھېچكىم ئۇرۇشتا ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى فىرونتنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ» دېدى.

ئۇ ئىران دائىرىلىرىنى رايوندىكى ئامېرىكا كۈچلىرىگە ۋە خادىملىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىدۇ دەپ پەرەز قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، بۇ كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا كەسكىنلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەتلەرنىڭ ئىشلەنگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ رايونغا ئىككى ئاۋىياماتكا ۋە باشقا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «بۇلارنى ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى توسۇش ۋە بىرەرسى بىرەر ئىش قىلىشقا ئۇرۇنسا ئۇ يەردە بارلىقىمىزنى ئوچۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئورۇنلواشتۇردۇق »دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن (21-ئۆكتەبىر) بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەزىپىسى ئېغىر بولمىغان خادىملارنىڭ ئامېرىكانىڭ ئەربىلدىكى ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسىدىن ئايرىلىشقا بۇيرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر